Milliy-armiye-5-korpus-1

ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى

تارىخى شاھىتلارنىڭ ئېيتىشىچە، 1945-يىلى 8-ئاپرېلدا غۇلجىدا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي پاراتى ئۆتكەندىن كېيىن، مىللىي ئارمىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە باش شتابى پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنى ئازاد قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنى ئىشلەپ چىققان ئىدى. مىللىي ئارمىيەنىڭ غەلىبىلىك يۈرۈشلىرىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئۇنىڭ سېپى بارا-بارا كۆپىيىپ، سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ سانى 40 مىڭغا يەتتى. ھازىر ئەنە شۇ مىللىي ئارمىيە سېپىدە ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقانلارنىڭ بىر قىسمى قازاقىستان، ...