uighur11

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پارىژدا چاقىرىلىدىغان 5 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ھەققىدىكى ئاخباراتى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلار،

ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن خەلقىمىز تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان، مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتى پۈتۈن ئىچكى – تاشقى كۈچلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ توسۇشقا ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى، 2016 – يىلى 7 – ئاينىڭ 11 – كۈنىدىن 13 – كۈنىگىچە ياۋروپانىڭ ئەڭ ئاساسلىق سىياسىي مەركەزلىرىنىڭ بىرى ھېسابلانغان فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا چاقىرىلىدۇ.

ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىز ھايات – ماماتلىق خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان، مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەت تېررورى تۈپەيلىدىن مۇقەددەس ۋەتىنىمىزنىڭ پۈتۈن تۇپراقلىرى بىگۇناھ ئەزىز خەلقىمىزنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالغان، مۇقەددەس ئۇيغۇر داۋاسى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغاۋاتقان بۈگۈنكىدەك ھالقىلىق پەيتتە چاقىرىلىدىغان بۇ قېتىمقى 5 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىمىزغا، پۈتۈن دۇنيادىكى 30 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 120 دىن ئارتۇق رەسمىي ۋەكىل قاتنىشىدۇ.

تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ قېتىمقى قۇرۇلتىيىمىزغا يەنە، 1933 يىلى ۋە 1944 – يىللىرى قۇرۇلغان مۇستەقىل ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ ھازىر ھاياتتا بولغان پەرزەنتلىرى ئالاھىدە ۋەكىل سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنىدۇ ۋە بۇ تارىخىي قەھرىمانلىرىمىز ۋە رەھبەرلىرىمىزنىڭ ئەجدادلىرىغا مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە ۋاكالىتەن ” ئىستىقلال شەرەپ مېدالى ” تەقدىم قىلىنىدۇ !

يەنە شۇنداقلا بۇ قېتىمقى قۇرۇلتىيىمىز جەريانىدا، ئەزىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان مۇستەبىت كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشغالىغا ئۇچرىغان 1949 – يىلىدىن بۇيان ۋەتەن سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مىللىي كۈرىشىمىز جەريانىدا ۋەتەن داۋاسى ئۈچۈن ئالاھىدە پىداكارلىق كۆرسەتكەن، تۆھپە قوشقان ۋە بەلگىلىك نەتىجە ياراتقان مىللىي ئىنقىلابچىلىرىمىزغا ۋە غوللۇق سىياسىي پائالىيەتچىلىرىمىزگە پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن شەرەپنامە تەقدىم قىلىنىدۇ !

بۇ قېتىمقى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە قۇرۇلتايغا، رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى 4 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ پۈتۈن مەسئۇل خادىملىرى، قۇرۇلتاي تەرىپىدىن بېكىتىلگەن رەسمىي ۋەكىللەر، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە تونۇلغان جامائەت ئەربابلىرى، ئاقساقاللار،ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەر، دىنىي زاتلار، فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ ۋەكىللىرى، پارىژ شەھىرىنىڭ مەسئۇللىرى، شۇنداقلا خەلقئارالىق تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، چەتئەللىك سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان چەتئەللىك ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ بىلەن ئىشتىراك قىلىدۇ.

بۇ قۇرۇلتاي خەلقىمىزنىڭ سىياسىي نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەدبىر ئىزدەيدىغان، خەلقىمىزنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم ئىلھاملاندۇرىدىغان ۋە چەتئەللەردىكى بىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان ھەرقايسى دۆلەتلەر، سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى نىشانى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىدىغان بىر قۇرۇلتايدۇر. بۇ قۇرۇلتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكتىن ئىبارەت سىياسىي نىشانى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم جاكارلىنىدۇ.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدە خىلمۇ خىل پىكىر-ئېقىمىدىكى ۋەكىللەرنىڭ ئوز پىكىرلىرىنى ئەركىن ئوتتۇرىغا قويۇش بويىچە دېموكراتىك سورۇن تەييارلايدۇ ۋە ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن مىللىي ھەرىكىتىمىز، جۈملىدىن دئۇق سىرتىدا قالغان ياش، قابىلىيەتلىك زىيالىي ۋە پائالىيەتچىلىرىمىزگە كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ.

بۇ قۇرۇلتاي خەلقىمىزنىڭ سىياسىي نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەدبىر ئىزدەيدىغان، خەلقىمىزنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم ئىلھاملاندۇرىدىغان ۋە چەتئەللەردىكى بىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان ھەرقايسى دۆلەتلەر، سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى نىشانى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىدىغان بىر قۇرۇلتايدۇر. بۇ قۇرۇلتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكتىن ئىبارەت سىياسىي نىشانى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم جاكارلىنىدۇ.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدە خىلمۇ خىل پىكىر-ئېقىمىدىكى ۋەكىللەرنىڭ ئوز پىكىرلىرىنى ئەركىن ئوتتۇرىغا قويۇش بويىچە دېموكراتىك سورۇن تەييارلايدۇ ۋە ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن مىللىي ھەرىكىتىمىز، جۈملىدىن دئۇق سىرتىدا قالغان ياش، قابىلىيەتلىك زىيالىي ۋە پائالىيەتچىلىرىمىزگە كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خەلقئارادىكى بىردىن – بىر تولۇق ھوقۇقلۇق خەلقئارالىق ئورگىنى بولۇپ، قۇرۇلتىيىمىز شەرقىي تۈركىستان مىللىي داۋاسىنى ئېلىپ بېرىشتا، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمى باياننامىسىنىڭ ۋە ئۇنۇڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي، دىنى ۋە مەدىنى ھەقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن شەرتنامىلىرىنىڭ روھىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، دېموكراتىك پرىنسىپلارغا تايانغان ھالدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەبەدى ئەركىنلىكى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش، پاش قىلىش ۋە ئىنسانى ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا جىددىي خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى–مىللىي بىرلىكىمىزنىڭ، باراۋەرلىكىمىزنىڭ ۋە ئىتتىپاقلىقىمىزنىڭ سىمۋولى ۋە ئاساسى بازىسى بولۇپ، بىرلىك ۋە باراۋەرلىك – ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن خەلقىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئورتاق ئارزۇسى ۋە دەۋرنىڭ تەقەززاسىدىن ئىبارەت.

بۈگۈنكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەرگىز تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ئەمەس، بەلكى شانلىق تارىخقا، مۇنتىزىم تەشكىلى ۋە ئاممىۋى ئاساسقا، خەلقئارالىق سىياسىي نوپۇسقا ئىگە بولۇپ، قۇرۇلتىيىمىز، 1933 ۋە 1944 – يىللىرى قۇرۇلغان ئىككى مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىمىز تەرىپىدىن ۋەتەن سامالىرىدا جەۋلان قىلدۇرۇلغان ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىزنىڭ چەتئەللەردىكى ھەقىقىي ۋارىسچىسى، شۇنداقلا چەتئەللەردە 60 نەچچە يىلدىن بۇيان كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ ۋەكىللىك ئورگىنىدىن ئىبارەت.

خەلقىمىزنىڭ كۈچلۈك تەلىپى، دەۋرنىڭ تەقەززاسى، تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، 2004 – يىلى ئاپرېلدا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلغان بىرلەشمە قۇرۇلتايدا، ” شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيى ” بىلەن ” دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى ” نىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خەلقئارادىكى بىردىن – بىر تولۇق ھوقۇقلۇق ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنى ھېسابلانغان ” دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ” قۇرۇپ چىقىلغان ۋە بۇنىڭ بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن، ” مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ چەتئەللەردىكى ئىككى چوڭ لاگېرى ” دەپ قارالغان ئىككى قۇرۇلتاي بىر مەركەز ۋە بىر لاگېر ئاستىدا بىرلىشىپ، دۇنيا سىياسىي سەھنىلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا ئورتاق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنىڭ مۇستەھكەم تەشكىلى ئاساسىنى تۇرغۇزۇپ چىققان ئىدى.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ خەلقئارالىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىۋاتقانلىقىدىن ساراسىمىگە چۈشكەن خىتاي ھاكىمىيىتى، خەلقىمىزگە قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە ھەرىكىتىنى، زۇلۇم ۋە بېسىمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ بارماقتا. بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى تارىختىن بۇيانقى ھەرقانداق ۋاقىتتىنمۇ بەكرەك زور خەۋپكە دۇچ كەلمەكتە. ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ھەممىمىزگە بەش قولدەك ئايان. خەلقىمىز ۋەتەن سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مىللىي ھەرىكىتىمىزدىن زور ئۈمىد كۈتمەكتە، بۇنداق بىر تارىخى شارائىتتا بىز ئۆزئارا بىرلىك–ئىتتىپاقلىققا، ھەمكارلىققا ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك موھتاج ھالدا تۇرماقتىمىز.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتىيىمىز، ھەممىمىز ئۈچۈن يېڭى بىر پۇرسەت، مىللىي ھەرىكىتىمىزدە يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلىنىشىدىن ئىبارەت. شۇڭا بارلىق تەشكىلاتلىرىمىز، ۋەتەنپەرۋەرلىرىمىز، سىياسىي پائالىيەتچىلىرىمىز ۋە بارلىق قېرىنداشلىرىمىز ۋەتەن – مىللەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، ئورۇنسىز تالاش – تارتىش ۋە ئىختىلاپلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئورتاق غايىمىز ۋە نىشانىمىز ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىمىز، شۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىنى يەردە قويماسلىققا تىرىشىشىمىز لازىم!

ئەزىز قېرىنداشلار، پارىژدا چاقىرىلىدىغان 5 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەخسۇس ” 5 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەييارلىق كومىتېتى ” قۇرۇپ چىقىلدى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن خەلقىمىزنىڭ خەلقئارادىكى تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللىك ئورگىنى ھېسابلانغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، پۈتۈن خەلقىمىزنىڭ تەكلىپ – پىكىر ۋە تەنقىدلىرىگە ئەستايىدىل قۇلاق سالىدۇ، ئەزىز ۋەتىنىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرى، شۇنداقلا مىللىي كۈرىشىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق تەكلىپ – پىكىرلىرىنى سەمىمىيەت بىلەن ئەستايىدىل قوبۇل قىلىدۇ، بۇ ھەقتىكى پۈتۈن تەكلىپ – پىكرىڭلارنى 5 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەييارلىق كومىتېتىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك يەتكۈزۈپ بېرىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !

Weltkongress der Uiguren
Adolf-Kolping-Strasse. 9
80336 Munchen Germany
Tel: 0049 89 54321999
Fax: 0049 89: 54349789
دولقۇن ئەيسا, dolkun@gmail.com,
ئۆمەر قانات, omerkanat2008@gmail.com

ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن :

5 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەييارلىق كومىتېتى

Print Friendly