Uighur democracy leader Rebiya Kadeer speaks during a press conference at the Foreign Correspondents Club of Japan in Tokyo on June 20, 2013. Kadeer, head of the World Uyghur Congress, met reporters during a visit that could further fray relations between Japan and China, just weeks after deadly violence in Xinjiang left 21 people dead.   AFP PHOTO / KAZUHIRO NOGI

توكيودىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى رابىيە قادىر خانىم شەرىپىگە زىياپەت بەردى

ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ئون بىر تەشكىلات بىرلىشىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى كۈتۈۋېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزگەن.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ زىياپەت ھەققىدە توختالدى.

دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زىياپەتتە سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا تەپسىلىي uygir yapon uighur rabia kaderدوكلات بەرگەندىن كېيىن، كۆپچىلىك ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ تولىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىغا ئېچىنغان ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن.

رابىيە قادىر خانىم يەنە زىياپەتكە ئىشتىراك قىلغان بىر قىسىم سىياسىيون ۋە كارخانىچىلار بىلەن ئايرىم – ئايرىم سۆھبەتلىشىپ نۆۋەتتە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ۋە تۈركىيەدە پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئۇلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەمدە بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.

زىياپەتكە رابىيە قادىر خانىمغا ھەمراھ بولۇپ بىرلىكتە قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈركمۇ زىياپەتتە سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغان.

بۇ قېتىمقى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ياپونىيە زىيارىتىنى تەشكىللىگەن دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ قارىشىچە، ياپونىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن بۇ خىل قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇشى، كەلگۈسىدە ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن كۆپ پايدىلىق ئىكەن.